ھاقان فىدان ھەم بىرازىلىيەلىك، ھەم پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان تۈنۈگۈن بىرازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائورو ۋېيرا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2014782
ھاقان فىدان ھەم بىرازىلىيەلىك، ھەم پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلاردىكى ھەمكارلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ھاقان فىدان يەنە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا، «سۆھبەتتە قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسى ۋە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان رەزىل ھۇجۇملارغا قارشى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا يولغا قويىلىدىغان ئورتاق تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر