تۈركىيە ستوكھولمدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىۋېيتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2014158
تۈركىيە ستوكھولمدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىراقنىڭ ستوكھولم ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى قاتتىق  ئەيىبلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ ستوكھولم ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس كىتابىمىز  قۇرئان كەرىم نىشان قىلىنغان پەسكەشلەرچە ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ستوكھولمدا 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر جامەنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمگە پەسكەشلەرچە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى  2023-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى قارار ماقۇللاپ، قۇرئان كەرىم نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنى <دىنىي ئۆچمەنلىك> دەپ بېكىتكەنىدى.»

«شىۋېيتسىيەدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا كېڭىشىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرى دائىرىسىدە، ئىسلام دىنى ۋە مىلياردلىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان بۇ ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. تۈركىيە ئىسلام دۈشمەنلىكى، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەشتە بۇنداق ھۇجۇملار يۈز بېرىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار.»

ئىلگىرى شىۋېيتسىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن ئەسلى ئىراقلىق سالۋان مومىكا تۈنۈگۈن ستوكھولمدىكى ئىراق ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىم  ۋە ئىراق بايرىقىنى دەسسەپ، ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلغانىدى.

مومىكا 28-ئىيۇن قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ستوكھولم جامەسىنىڭ ئالدىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.

تۈركىيە، ئىراق، پاكىستان، ھىندونېزىيە ۋە ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۆلەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ قىلمىشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر