تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە پاراخوتلىرى شەرقىي ئاق دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ناتو دائىمىي دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسى - 2 دىكى پاراخوتلارنىڭ مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2013625
تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە پاراخوتلىرى شەرقىي ئاق دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى
Turk-yunan-ingiliz gemileri tatbikat1.jpg
Turk-yunan-ingiliz gemileri tatbikat.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020 - يىلى يازدا شەرقىي ئاق دېڭىزدا جىددىيلىك كۈچىيىپ كېتىپ، ئۆزئارا روبىرولىشىپ قالغان تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو بايرىقى ئاستىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

باياناتتا، مەشىقلەرگە تۈركىيەدىن TCG گۆكچەئادا قوغدىغۇچى پاراخوتى، ئەنگلىيەنىڭ HMS Duncan ۋە گىرېتسىيەنىڭHS لىمنوس ناملىق  پاراخوتىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ناتو بايرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر دائىرىسىدە، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى دىققىتىنى يۈز بەرگۈسى ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى ھەمكارلىق سېنارىيەسىگە مەركەزلەشتۈردى؛ بايانات بىلەن بىرلىكتە، مانېۋىرنىڭ سۈرەتلىرىمۇ تارقىتىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ «كاتىمېرىنى گېزىتى»،  «مانېۋىرنىڭ تۈركىيە - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ۋە ناتونىڭ بۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى» دەپ يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، HMS Duncan ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ رولى ھەققىدە: «ئەنگلىيە ئۇرۇش پاراخوتى تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئوتتۇرىسىدا <كۆۋرۈكلۈك> رولىنى ئوينىدى. مانېۋىر تۈركىيە - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ناتونىڭ ئەنگلىيەدىكى مەركىزىدە پىلانلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر