تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا خەلقئارا جەمئىيەتنى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

2010375
تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياسىن ئەكرەم سەرىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىددىي يىغىندا سۆز قىلىپ: «بىز قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت يېقىنقى كۈچىيىپ كەتكەن دىنىي ئۆچمەنلىكنىڭ روشەن ئىپادىسى بولغان قىلمىشلارنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئۇ ھەر قانداق بىر مۇقەددەس كىتابقا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكنىڭ كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق، ئىجتىمائىي تىنچلىق ۋە ئىنسان ئىززەت – ئابرويى بىلەن سىغىشالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «پىكىر ئەركىنلىكى تونى ئاستىدا بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ سادىر قىلىنىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. بىز بارلىق ئورگانلارنى بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلارغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

«جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدىغان پىكىر ئەركىنلىكىنى ئۆچمەنلىكنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. پىكىر ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ، بۇنداق ھەرىكەتلەرگە يول قويۇشنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىز بارلىق ئورگانلارنى بۇ خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارغا قارشى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، چاقىرىمىز. ھەمدە بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ »دېدى سېرىم. دېدى.

مۇئاۋىن مىنىستىر سەرىم، نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان، ياۋروپا كېڭىشى، ناتو قاتارلىق بارلىق غەرب ئورگانلىرىنىڭ ئەزاسى ۋە شېرىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كاندىداتى تۈركىيەنىڭ، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرەشنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دىن ياكى ئېتىقادنى ئاساس قىلغان ئۆچمەنلىك ۋە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «تۈركىيە بۇ مەقسەت ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سەۋىيەدە ھەمكارلىشىشقا تەييار. بىز بارلىق دۆلەتلەرنى مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەھدىت سالىدىغان ئۆچمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئېنىق ۋە ئورتاق ئىپادە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ قارارنى قوللاشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر