ئەردوغان ۋىلنىيۇستا بىر تەرەپتىن يىغىنلارغا قاتنىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.

2009903
ئەردوغان ۋىلنىيۇستا بىر تەرەپتىن يىغىنلارغا قاتنىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن باشلانغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە سۆز قىلىدىكەن، كەچتە بېرىلىدىغان رەسمىي زىياپەتتە رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

جر ئەردوغان ئەتىمۇ ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە ھەمدە ناتو - ئۇكرائىنا كومىتېتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىدىكەن.

باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆتكۈزگەن ئەردوغان ھازىرغىچە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك ۋە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ بۈگۈن يەنە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

ئەردوغان ئەتە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشى، باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىن ساھەسىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر