تۈركىيەگە قانۇنسىز ھالدا كىرمەكچى بولغان بىر تېررورچى قولغا چۈشتى

سۈرىيەدىن قانۇنسىز ھالدا تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغان بىر نەپەر پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د تېرورچىسى قولغا ئېلىندى.

2005793
تۈركىيەگە قانۇنسىز ھالدا كىرمەكچى بولغان بىر تېررورچى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «تېرورلۇققا ۋە تېرورچىلارغا يول يوق. چېگرا بۈركۈتلىرىمىز سۈرىيەدىن قانۇنسىز ھالدا دۆلىتىمىزگە كىرمەكچى بولغان بىر كىشىنى قولغا ئالدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر