ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك نىڭ قوراللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە – كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا تەۋە نۇرغۇن قوراللار قولغا چۈشۈرۈلدى.
2005655
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پەنچە – كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى چارلاش خىزمەتلىرى جەريانىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە نۇرغۇن قورالنى بايقاپ قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.