فىدان گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان گىرېتسىيەنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرى يورگو گېراپېترىتىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2005140
فىدان گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان گىرېتسىيەنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرى يورگو گېراپېترىتىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەر ئىككى مىنىستىر تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان گىرېتسىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يورگو گېراپېترىتىسنى تەبرىكلىگەن.

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ  رەسمىي  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، دوستانە مۇھىت ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى مىنىستىرنىڭ لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا 11- 12 – ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولۇشنى قارارلاشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر