گېرمانىيەدە مانېۋىرغا قاتناشقان  تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە خادىملىرى مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى

گېرمانىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن غا قاتناشقان تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار ۋە خادىملىرى مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى.

2004028
گېرمانىيەدە مانېۋىرغا قاتناشقان  تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە خادىملىرى مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «2023-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن <2023 ھاۋا مۇداپىئە مانېۋىرى> غا قاتناشقان تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار بىلەن خادىملىرى قايتىپ كەلدى. مانېۋىر جەريانىدا، ئىتتىپاقداشلار بىلەن مەشىق قىلغان 151- فىلوت قوماندانلىق ئىشتابى ھەر كۈنى ئىككى بۆلەك سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچۇشلاردا ئوخشىمىغان تىپتىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىدى. خادىملىرىمىز مانېۋىر جاريانىدا ئۆركۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغىمۇ  قاتناشتى» دېيىلدى.

ھەمبەھىرلەنگەن يازمىغا يەنە تۈكىيە ھاۋا ئارمىيە خادىملىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ مانىۋېردىكى پائالىيەتلىرى ۋە مەملىكەتكە قايتىشىغا ئالاقىدار سىن ھەم كۆرۈنۈشلەر ئىلاۋە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر