مىنىستىر گۈلەر ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنسىتىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئۆزبېكسىتان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېيتېنانت گېنېرال باھادىر قۇربانوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

2003896
مىنىستىر گۈلەر ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنسىتىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكسىتان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باھادىر قۇربانوۋنىڭ تېلېفون قىلىپ مىنىستىر ياشار گۈلەرنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزبېكسىتان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ تەبرىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورتاق ئىرادىسىنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر