مىنىستىر گۈلەر رېزنىكوف بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوف بىلەن تېلېفونلاشتى.

2003385
مىنىستىر گۈلەر رېزنىكوف بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رېزنىكوفنىڭ تېلېفون قىلىپ، مىنىستىر گۈلەرنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر گۈلەر ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا توشۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، يەر شارى ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئاشلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ 17 – ئىيۇل مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى قايتا ئۇزارتىش، رايوندىكى (2022 – يىلى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ) تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئۇ يەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بەرپاچى پوزىتسىيەدە  بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەلكىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقى (مىنىستىر گۈلەر تەرىپىدىن) ئوتتۇرىغا قويۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر