شىمالىي ئىراقتا يارىلانغان ئەسكەر دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان رايوندا تېررورچىلارنىڭ ئوقى تېگىپ يارىلانغاندىن كېيىن بالنىستقا ئېلىنغان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
2003230
![شىمالىي ئىراقتا يارىلانغان ئەسكەر دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9ec5/a0a8/ffc7/648b21676dc97.jpg?time=1718881816)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 15 - ئىيۇن پەنچە- قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلارنىڭ ئوقىدا يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا بالىنىستقا ئېلىنغان پىيادە قىسىم سېرژانتى ئالپاي ئاراسنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا: «بىزنى قاتتىق ئازاب ۋە چوڭقۇر قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتىمىزگە ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلەيمىز، مۇسىبەتلىك ئائىلىسى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب مىللىتىمىزدىن ھال سورايمىز ۋە ئۇلارغا سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.