ئەردوغان مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن ماھاتىر مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ماھاتىر مۇھەممەد بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەقەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد بىلەن ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئايرىم كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە، پېرۇنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەسار ئاۋگۇستو دې لاس كاساس دىئاز ۋە پولشانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكېج لاڭنىڭ زىيارەتلىرىنى ئايرىم- ئايرىم قوبۇل قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش ئەلچىلەر ئەردوغانغا ئىشەنچ مەكتۇبى تاپشۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.