ئەردوغان: تۈركىيە بىلەن قىبرىس شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1998739
ئەردوغان: تۈركىيە بىلەن قىبرىس شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 28- مايدىكى سايلامدىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە تەرەپنىڭ قىبرىس مەسىلىسىدە باشتىن- ئاخىر بەرپاچى ۋە ئۈنۈم مەركەزلىك پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «قىبرىس تۈركلىرى ھەرگىزمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ پاكىتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلار (رۇملار) ئارالنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى بولۇش ئارزۇسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلارغا پاكىتقا يۈزلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھېچكىمنىڭ يەنە بىر 50 يىلنى زايا قىلىشقا تاقىتى يوق. ئەگەر سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشقا توغرا كەلسە، بۇنى قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر» دېدى.

تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى مەنپەئەتىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «كېپىل دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز سۆھبەتنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇق. ئارالدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكى بىزنىڭ تىنچلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ (گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە) تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول خەرىتىسىنىڭ تىنچلىقنى تايانچ قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بۇ دېڭىزلاردا تىنچلىقتىن باشقا چىقىش يولى يوق. ئەگەر تىنچلىققا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلار بولسا، بىز باشقا تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. بىز يولىمىزدا توسالغۇلارنىڭ بولۇشىنى خالىمايمىز. ئەگە دېڭىزى بىر تىنچلىق دېڭىزى سۈپىتىدە دۇنياغا ئۇچۇر يەتكۈزسۇن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر