سىئىرتتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

سىئىرتتا ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1996861
سىئىرتتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ: «خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمەن. <شېھىت ژاندارما يۈز بېشى سەۋىنچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى> ئەسناسىدا شىېھت بولغان قەھرىمان ئەسكىرىمىز ئايدىن جەيلانغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن؛ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ژاندارما باش قوماندانلىقىمىزغا ۋە خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمەن. شېھىتىمىزنىڭ ماكانى جەننەت بولسۇن!» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر