سايلامغا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى تۈركىيە مىقياسىدا ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلاندى

جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىغا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىغانچە چۈشتىن كېيىنن سائەت 17:00 دە ئاخىرىلىشىدۇ. بۈگۈن (14-ماي) تۈركىيەدە 60 مىليون 697 مىڭ 843 سايلىغۇچى بېلەت تاشلايدۇ.

1986038
سايلامغا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى تۈركىيە مىقياسىدا ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى 9-مايدا (2023) ئاخىرلاشتى. چەت ئەللەردە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بېلەت تاشلىيالمىغانلارنىڭ تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش بۈگۈن سائەت 17:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ بېلىتىدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇھەررەم ئىنجە، كەمال قىلىچدارئوغلۇ ۋە سىنان ئوغاننىڭ ئىسمى بولىدۇ. لېكىن بۇ نامزاتلاردىن بىرى بولغان مۇھەررەم ئىنجە 11-مايدا ئۆزىنىڭ نامزاتلىقتىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بېلەتلەرنى بېسىش ۋە تارقىتىش تاماملىنپ بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭ رەسىمى ۋە ئىسمى  بېلەتتە داۋاملىق بولىدۇ.

28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدا بولسا، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 24 سىياسىي پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى ۋە 151 مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى رىقابەتكە چۈشىدۇ.

سايلىغۇچىلار جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى تاللىغان ئىككى ئايرىم بېلەتنى ئوخشاش بىر كونۋېرتقا قويۇپ، بېلەت ساندۇقىغا تاشلايدۇ. ئەگەر جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرىنىڭ ھېچبىرى مۇتلەق كۆپ سانلىققا ئېرىشەلمىسە، 28-مايدا ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر