تۈركىيە - رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى ئىستانبۇلدا ئاشلىق كېلىشىمى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاشلىق كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1985062
تۈركىيە - رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى ئىستانبۇلدا ئاشلىق كېلىشىمى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن  مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرىپ، ئاشلىق كېلىشىمى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئاشلىق كېلىشىمى ۋە باشقا مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىن تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن يىغىنغا مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى يۇنۇس ئەمەرە قارائوسمانئوغلۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر