مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە يەنە بىر قېتىم ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئىدارىسى — MIT سۈرىيەدە دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئىدارىسى — MIT سۈرىيەدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تېىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى دائېشنىڭ ئاتالمىش سابىق تۈركىيە ۋالىيسى شاھاپ ۋارىش قاتارلىق تۆت تېررورچىنى قولغا چۈشۈردى.
بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرى سۈرىيەدىكى چارلاش خىزمەتلىرى جەريانىدا ئورنىنى ئېنىقلىغان تۆت تېررورچىنى قولغا چۈشۈرۈپ، تۈركىيە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
قولغا چۈشۈرۈلگەن تېررورچىلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى دائېشنىڭ ئاتالمىش سابىق تۈركىيە ۋالىيسى شاھاپ ۋارىش ئىكەنلىكى جەزملەشكەن.
ۋارىشنىڭ تۈركىيەدە دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان بولسىمۇ، تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئالدى ئېلىنغان نۇرغۇن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.