ئەردوغان يېقىندا سېلىنغان ئېنېرگىيە مەبلەغلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىندا سېلىنغان ئېنېرگىيە مەبلەغلىرى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1983470
ئەردوغان يېقىندا سېلىنغان ئېنېرگىيە مەبلەغلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «بىزنىڭ قارا دېڭىزدىكى تەبىئىي گازىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ كونيادا قۇرغان ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيە ئىستانسىسى شۇنداقلا گاباردا بايقالغان نېفىتىمىز ۋە ئاككۇيۇ يادرو ئىستانسىسى قاتارلىق لەيىھەلىرمىز بىلەن ئەمدىلىكتە چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىدىغان  100 مىلياردلارچە دوللارلىق ئېنېرگىيە پۇلى مىللىتىمىزنىڭ قولىدا قالىدۇ» دېدى.  

بۇ پۇلنىڭ مەبلەغ سېلىش، خىزمەت ئىمكانىيىتى يارتىىش ۋە ئىجتىمائىي ياردەم سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا كىرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەردوغان، ھازىردىن باشلاپلا بۇ مېخانىزمنى  ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن مەرسىندە قىلغان سۆزىدە، «قارا دېڭىزدا بايقىغان گازنىڭ بىر قىسىمىنى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىپ، دېھقانلىرىمىزنى بۇ مەسىلىدە راھەتلىتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر