ئەردوغان: تۈركىيە ئەمدىلىكتە دۇنيادا سۆزى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئويۇنلارنى ئۆزگەرتىدىغان تېخنىكىلىرى بىلەن دۇنيادا ئەمدىلىكتە سۆزى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1983451
ئەردوغان: تۈركىيە ئەمدىلىكتە دۇنيادا سۆزى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەردوغان ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى توپى «SAHA ئىستانبۇل» نىڭ 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش ھەيئىتى يىغىنىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، يېقىنقى 20 يىلدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە ئىشقا ئاشۇرغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلارلىرى بولغان يەرلىك ۋە مىللىي سىستېمىلارنى ھەم ئارمىيەنىڭ، ھەم دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇلازىمىتىگە سۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە ئەمدىلىكتە ئويۇن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى بىلەن دۇنيادا سۆزى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى» دېدى.

ئەردوغان قەيسەرىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا 6-فېۋرالدا يۈز بەرگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا 837 مىڭ 500 چېدىر ۋە 100 مىڭ كونتېنېيېر قۇرغانلىقىنى شۇنداقلا قۇرۇلىشى داۋاملىشىۋاتقان ئۆيلەرنىڭ سانىنى 141 مىڭ 300 گە ۋە يېزا ئۆيلىرىنىڭ سانىنى 58 مىڭ 630 غا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، «گەرچە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ 50 مىڭدىن ئارتۇق خەلقىمىزنى يوقۇتۇپ قويغان بولساقمۇ، دۆلەت ۋە مىللەت مۇرىنى مۇرىىنى تېرەپ دەرتلىرىمىزگە مەلھەم بولماقتىمىز. يىقىلغان  ۋە جىددىي چېقىلىشى كېرەكلىك بىنالارنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلىدۇق. يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزدىن باشلىدۇق. توختاپ قالماستىن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر