چەت ئەللەردە ئاۋاز تاشلاش ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلاملىرى ئۈچۈن چەت ئەللەردە تەسىس قىلىنغان سايلام ساندۇقلىرىغا ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا.

1980754
چەت ئەللەردە ئاۋاز تاشلاش ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىزىمغا ئېلىنغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئەڭ كۆپ بولغان گېرمانىيەدە، بۈگۈنمۇ سايلام ساندۇقلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر ھاسىل بولدى.

بېرلىندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ باغچىسىدا تەسىس قىلىنغان سايلام مەركىزىدە بىرىنچى كۈنى 2 مىڭ 567 كىشى ئاۋاز تاشلىدى. بېرلىندا بىرىنچى كۈن تاشلانغان ئاۋازلار نەزەرگە ئېلىنغاندا سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %56 گە يەتتى.

گېرمانىيەدىكى 13 ۋاكالەتخانىدىن باشقا، ھەپتە ئاخىرى يەنە ئۈچ نۇقتىدا سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىنىدۇ. باشقا دۆلەتلەردىكى سايلام مەركەزلىرىدىمۇ ئاۋاز تاشلىنىدىغان ساندۇق سانى كۆپەيتىلىدۇ.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، فىرانسىيە، ئاۋستىرىيە، دانىيە ۋە لىيۇكسمبۇرگدىكى سايلىغۇچىلارمۇ سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىنغان ئىككىنچى كۈندە ئۇزۇن ئۆچرەتلەرنى ھاسىل قىلدى. بۇ دۆلەتلەردىكى سايلىغۇچىلار 9-مايغىچە (2023) ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.

ئامېرىكادىكى سايلىغۇچىلار ئەتە (29-ئاپرېل) دىن باشلاپ ئاۋاز تاشلايدۇ. ئاۋستىرالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، شىۋىيېتسارىيە، كانادا، نورۋېگىيە، رۇسىيە ۋە گىرتسىيەدىكى سايلىغۇچىلار، چېگرا ئېغىزلىرىدا، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلاردا ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.

چەت ئەللەردە نوپۇسى تىزىمغا ئېلىنغان 3.5 مىليون سايلىغۇچى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر