باش ئەلچى ئۆنال ئەرمەن ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال، 1915- يىلىدىكى ۋەقەلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ئەرمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![باش ئەلچى ئۆنال ئەرمەن ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c899/ceba/be78/6447783c6d9e7.jpg?time=1718731105)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان «كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ب د ت نىزامنامىسىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە قوغداش» يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «مەن ئەرمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىمەن. 1915- يىلىدىكى ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق كىشى ۋە تەرەپلەرنى تارىختىن دۈشمەنلىك ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، تۈركىيەنىڭ بىرلەشمە تارىخ كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپى بىلەن رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئويلىشىشقا چاقىرىمەن» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718731106)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718731106)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.