تۈركىيەنىڭ تۇنجى چارلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھى «ئىمەجە»نى قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى يەنە كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيەنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى يوقىرى تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي چارلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھى — ئىمەجە (IMECE) نى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلدى.

1973531
تۈركىيەنىڭ تۇنجى چارلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھى «ئىمەجە»نى قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى يەنە كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈبىتاك (تۈركىيە پەن- تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى) تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىمەجە سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربىتىغا ئېلىپ بارىدىغان فالكون 9 راكېتاسىنىڭ مەشغۇلاتىغا مەسئۇل SpaceX شىركىتىنىڭ قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتىنى بۈگۈن ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى رەسمىي شەكىلدە مەلۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھازىرچە 14 – ئاپرېل جۈمە كۈنى سائەت 9:48 گە كېچىكتۈرۈلگەن قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتىنىڭ كونكرېت چېسلاسى ۋە ۋاقتىنىڭ ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

SpaceX نىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىمۇ قوشۇمچە ۋاقىتنىڭ خادىملارنىڭ قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشلىرىنى تاماملىشى شۇنداقلا ھاۋارايى شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئىلگىرى تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى پىلانلانغان قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتىنىڭ بىر كۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان؛ SpaceX شىركىتىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلەنگەن ئۇچۇردىمۇ ئالاقىدار خادىملارنىڭ ھاۋارايىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

تۈركىيەنىڭ «ئىمەجە» ناملىق سۈنئىي ھەمراھى 21 - فېۋرال ئامېرىكادىكى ۋاندېنبېرگ ئالەم قاتنىشى بازىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر