تۈركىيە شىمالىي قىبرىسنىڭ باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئامېرىكانىڭ بىر ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتىنى جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرى پورتىغا لەڭگەر تاشلىشى ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1972212
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسنىڭ باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك، ئامېرىكانىڭ قىبرىس ئارىلىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش بەدىلىگە تاشلىغان جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنى قوراللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش قەدەملىرىنىڭ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئادىل، سىجىل ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىنىشىغا ھېچقانداق تۆھپە قوشمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەنقەرەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئامېرىكانىڭ USS سان جۇان ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي قىبرىستىكى پورتلارنىڭ بىرىگە لەڭگەر تاشلىشى ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى» توغرىسىدىكى باياناتىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «بىز ئامېرىكانى بۇ سىياسەتلىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا چاقىرىمىز؛ دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا — كېپىللىك مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە — شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر