چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى ۋە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ۋە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىستروم بىلەن قاتارلىقلار بىلەن تېلېفونلاشتى.

1961541
چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى ۋە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ۋە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفونلاشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، چاۋۇشئوغلۇنىڭ گۇتېررېس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى، خەلقئارا ئىئانە قىلغۇچىلار يىغىنى ۋە تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ب د ت دا باشلانغان «نۆل تاشلاندۇق» تەشەببۇسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ شىۋېتسىيەلىك مەنسەپدىشى بىلستروم بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، نۇقتىلىق ھالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ كېڭىيىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر