ئىسمائىل مۇسا ھاككى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى
تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە كونسۇلخانا ئىشلىرى باش مۇدىرى ئىسمائىل ھاككى مۇسا تەيىنلەندى.
1954853
![ئىسمائىل مۇسا ھاككى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/ea30/50bc/6eb8/64033bc94c239.jpg?time=1718569984)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەم مەركەزگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئورنىغا كونسۇلخانا ئىشلىرى باش مۇدىرى ئىسمائىل ھاككى مۇسا تەيىنلەندى.