تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچى گۈنەشنى قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) چېگرا سىرتىدا يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
1952593
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ 60 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ شېھىت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئەزاسى تېررورچى رامىزان گۈنەش، ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.
سورەش دېگەن يالغان ئىسم بىلەن تونۇلغان رامىزان گۈنەش 2011 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە پ ك ك / ك ج ك نىڭ ھاككارى / چۇقۇرجادا سادىر قىلغان 12 تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، 57 ئەسكەر، بىر ساقچى ۋە ئىككى كەنت ساقچىسى بولۇپ جەمئىي 60 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ شېھىت بولۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان.
رامازان گۈنەشنى قولغا چۈشۈرۈلىدىغان تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، ئۇنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىخەتەر رايون دەپ قارىلىدىغان ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىگە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ، تەخمىنەن بىر يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
تېررورچى گۈنەش مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ يوشۇرۇنۇش ۋە شەكىل ئۆزگەرتىش مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئەترەتنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.