مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

مىسىردىن تۈركىيەگە ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.

1951878
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى قاھرامانماراشتىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ھەمكارلىقىنى ئىپادىلەش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 2023 - يىلى 27 - فېۋرالدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ» دېيىلدى.

سەمىھ شۈكرىنىڭ مىسىرنىڭ ياردەم پاراخوتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئادانا ۋە مەرسىن پورتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ باياناتىدا، مىنىستىر سەمىھ شۈكرىنىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيە زىيارەتلىرى مەقسىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا ھەمكارلىقنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر