ئەردوغان شاھباز شەرىفنى قوبۇل قىلدى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنى قوبۇل قىلدى.
![ئەردوغان شاھباز شەرىفنى قوبۇل قىلدى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e44d/3031/f53f/63ef3d3b4a1f4.jpg?time=1718739666)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (16-فېۋرال) پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنى يېپىق شەكىلدە قوبۇل قىلغانلىقىنى، شاھباز شەرىفنىڭ 6 – فېۋرال مەيدانغا كېلىپ 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشلەر مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ۋە ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز قاتارلىقلارمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىگەن.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك، ئۇچرىشىش ۋە تېلېفون سۆھبەتلىرى جەريانىدا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718739666)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718739666)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.