تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار بىر گۇرۇپپىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

1947206
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئەسناسىدا، تېررورچىلارنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش ئۆتكۈزگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ توسۇلمىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان  قىلدى.

باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار بىر گۇرۇپپىنىڭ، ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ شەخسلەرنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا بۇنداق ئاسانلا كىرەلىشى ۋە خالىغانچە نامايىش ئۆتكۈزۈشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ شەخسلەرنىڭ دەرھال توسۇلماسلىقى بولسا تولىمۇ غەلىتە بىر ئىشتۇر. بىز بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. دەرۋەقە، بۇ قىلمىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ئاجىزلىقى ۋە سەمىمىيەتسىزلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.»

ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئورگانلىرى بۇنداق پەرۋاسىزلارچە پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇشىغا قارىماي، پ ك ك نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىش مۇمكىن ئەمەس. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان بۇ شەخسلەرنىڭ پەرۋاسىزلارچە ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىغا كىم ياكى كىملەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق كىرىشىنى تەكشۈرۈش شەرت، جۈملىدىن بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.»

«بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئىغۋاگەرچىلىكىدىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتى2017-يىلى 21-نويابىردا چىقارغان قارارىغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىغا كىرىشى چەكلەنگەنىدى. ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئۆزى ئىلگىرى چىقارغان بۇ قارارنى جىددىي ئىجرا قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر