ئاقار لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ھاتايدىكى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نەجلا ئەلمەنغۇش بىلەن كۆرۈشتى.
1946202
![ئاقار لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7cd0/aa3c/f769/63eb38801c99c.jpg?time=1718812604)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى شىددەتلىك يەر تەۋرەش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئاقاردىن ھال سورىغان ئەلمەنغۇش، دۆلىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقارمۇ يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئاپەت جەريانىدا قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن مەنغۇشقا رەھمەت ئېيتتى.
6 – فېۋرالدا (2023) مەيدانغا كېلىپ، 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 ۋە 7.6 بال چوڭلۇقىدىكى «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» ناملىق يەر تەۋرەشلەردە مىڭلارچە كىشى قازا قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718812604)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718812604)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.