دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

6 – فېۋرال (2023) قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر تۈركىيەگە ياردەم ئەشيالىرىنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1944722
دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپەت رايونىغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئەۋەتكەن ئەزەربەيجان، مىڭدىن ئارتۇق چېدىر بىلەن 400 گە يېقىن ئىسسىتقۇچنى تۈركىيەگە ئەۋەتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا كارىدورى تەسىس قىلىپ، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا 22 ئايروپىلان بىلەن 640 توننا قۇتقۇزۇش لازىمەتلىكلىرى ئەۋەتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بىن زايىدنىڭ ئانىسى شەيخا فاتىمە بىنتى مۇبارەك، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا تەخمىنەن 13 مىليون 600 مىڭ دوللار ئىئانە قىلدى.

ئىسپانىيە ئاپەت رايونىغا دالا دوختۇرخانىسى ئەۋەتتى، گىرېتسىيە تۈركىيەگە جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ۋە ساغلاملىق ئەشيالىرىنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىگە يىغىلغان 120 توننا ياردەم ئەشياسى ئالتە يۈك ماشىنىسى بىلەن ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى ۋە جەمئىيەتلىرى توپلىغان ياردەم ئەشيالىرى بېسىلغان تۇنجى يۈك ئايروپىلانى رايونغا يېتىپ كەلدى.

پەلەستىن ئەۋەتكەن ياردەم ئەترەتلىرى تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە يېتىپ باردى. ئارگېنتىنانىڭ 28 كىشىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ ئىككىنچى قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈركىيەگە يېتىپ كېلىپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى.

قىرغىزىستان يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىزىستان ئەترىتىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، رايونغا دالا دوختۇرخانىسى، چېدىر ۋە داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا بانكاسى تۈركىيەنى 1 مىليارد 780 مىليون دوللار، ئامېرىكا تۈركىيە ۋە سۈرىيەنى 85 مىليون دوللار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گېرمانىيە بىيوتېخنىكا شىركىتى — BioNTech تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە 1 مىليون ياۋرو ئىئانە قىلدى. بويىن شىركىتىمۇ تۈركىيەدىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىگە 500 مىڭ دوللار ئىئانە قىلدى.

كۇۋەيتمۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا 15 مىليون دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستان بىلەن مولداۋىيەگە قاراشلىق گاگاۋز ئاپتونوم رايونىدا تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ئىئانە توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر