ئەردوغان ئاپەت رايونىدىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6 – فېۋرالدا (2023) قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

1944091
ئەردوغان ئاپەت رايونىدىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەردوغان، رايوندىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مىنىستىرلاردىن مەلۇمات ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىنى باشتىن كەچۈردۇق. ئەپسۇسكى، 10 ۋىلايىتىمىزدە دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ يەر تەۋرەشكە دۇچ كەلدۇق» دېدى.

ئەردوغان خاتاينىڭ بۇ ئاپەتنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئەڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۆلەت ۋە خەلقنىڭ سەپەرۋەرلىككە كېلىپ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئاپەت رايونىغا يۈزلەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تارتىپ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىغىچە، چەت ئەلدىن كەلگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرىدىن تارتىپ پىدائىيلارغىچە بولغان 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇشتىن تارتىپ ياردەم پائالىيەتلىرىگىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن، 60 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن ياردەم كەلگەنلىكىگە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كېيىنچە  رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، ئەزەربەيجان، ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە كۇۋەيتنىڭ قوللىغانلىقىنى ۋە ياردەملىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكلىرىنى، ئۇلارنىڭ يەنە نەق پۇل ۋە باشقا ماددىي ياردەملەرنىمۇ يوللىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئارقىدىن خاتاي ۋە ئادانانىڭ ئىسكەندەرۇن ناھىيەلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

ئەردوغان خاتايدىن ئىلگىرى قاھرامانماراشقا بېرىپ، ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر