تۈركىيە فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاسسۇرلار ۋە كەلدانىيلارغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى ماقۇللىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1944245
تۈركىيە فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ، فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاسسۇرىلار ۋە كەلدانىيلار توغرىسىدا قارار لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئوسمانلى دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ۋە تارىخىي ئاساسىي بولمىغان ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بىلگىچ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ھېچكىمدىن تارىخ ھەققىدە ساۋاق ئېلىشقا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ھالدا: «قانۇنىي ۋە تارىخىي ئاساسلاردىن مەھرۇم بۇ ئاقىلانە بولمىغان ئۇرۇنۇشنىڭ، فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئېتىبارسىزلىقىنى كۈچەيتىشتىن باشقا بىرەر نەتىجىسى ياكى ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلدۈرگۈدەك بىر تەرىپى يوق. فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى باشقىلارغا تارىخ دەرسى بېرىشنى قويۇپ، ئۆزىنىڭ تارىخىغا قارىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر