چەت ئەل رەھبەرلىرى تۈركىيە ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنى زىيارەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 6-فېۋرالدا (2023) قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ، ئەتراپتىكى 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن،تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدىكى تەزىيە دەپتەرىلىرىگە تەزىيە تىلەكلىرىنى يازدى.

1944534
چەت ئەل رەھبەرلىرى تۈركىيە ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنى زىيارەت قىلدى
taiwan baskan.jpg
özbekistan dışişleri başsağlığı.jpg
guterres taziye defteri.jpg
Mirziyoyev-başsağlığı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس نىيۇ يوركتىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىدا قويۇلغان تەزىيە دەپتىرىگە، «تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەشلەردە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن» دەپ يازدى.

ئۇ تۈركىيە خەلقىنىڭ سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا كۆرسەتكەن مەرتلىكىگە گۇۋاھ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مىليونلارچە مۇساپىر قوبۇل قىلىندى، قوغدالدى، دەرتلىرىگە ئورتاقلىشىلدى. بۇ مەرت خەلق خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئوخشاش ھەمكارلىقلارنىڭ، ئوخشاش سادىقلىققا لايىق» دېدى.

ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان گىرېتسىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندرا پاپادوپوۋلو ۋە بەزى كونگرە ئەزالىرى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلمۇ تۈركىيەنىڭ بىريۇسسېلدىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن ئېچىلغان تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

ئۇ: «سىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقلىقىغا ئىشىنىڭلار، بىز بۇ پاجىئەدە تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقى بىلەن بىللە» دېدى.

رۇمېنىيە پىرېزىدېنتى كلاۋۇس ئىئوخاننىس تۈركىيەنىڭ بۇخارېستتىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئۇ تەزىيە دەپتىرىگە: «ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم سەپەرۋەلىكىنى باشلاش بىلەن بىرگە، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئاپەت رايونلىرىغا ئەۋەتتۇق. ئاپەتكە ئۇچرىغان مىڭلارچە ئائىلىلەرگە سەۋر، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. رۇمېنىيە تۈركىيەنىڭ يېنىدا. ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىمىز ھايات قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاپەت رايونلىرىدا كۈرەش قىلماقتا. تۈركىيە خەلقى بۇ قىيىنچىلىقنى چوقۇم يىڭىدۇ» دەپ يازدى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرشون پايتەخت ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

ئۇ: «يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە سەۋر تىلەيمەن. ئوي-خىيالىم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىللە» دەپ يازدى.

گىرېتسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلتىيادىس ۋارۋىجيوتىس ئافېنادىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

ئۇ مۇنداق دەپ يازدى:

«تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا، گىرېتسىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى نامىدىن تەزىيە بىلدۈرىمەن. گىرېتسىيە ھەمكارلىق روھىنى نامايان قىلماقتا ۋە جان قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىيەگە سەۋر تىلەيمەن!.»

كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىج پايتەخت زاگرېبتىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى ۋە تۈركىيە خەلقىگە سەۋر تىلىدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا سارايېۋۇ مەسئۇللىرى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىكى تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

ئىرېلاندىيە پىرېزىدېنتى مىشېل خىگىنس تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

ئۇ ئىرېلاندىيەنىڭ تۈركىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ پايتەخت تاشكەنتتىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركىيەگە بارلىق زۆرۈر ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ پايتەخت بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج: «بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ياردەملەرنى قىلىمىز» دېدى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن پايتەخت موسكۋادىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ تەزىيە دەپتىرىگە، تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە خەلقى بىلەن بىللە ماتەم تۇتۇۋاتىمىز. تۈركىيە ناھايىتى قىممەتلىك ۋە مۇھىم قوشنىمىز. تارىخ نۇقتىسىدىن بىر-بىرىمىزگە بېقىنىمىز» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر