يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3432 گە يەتتى

قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرىدە يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 بال ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانى 3432 گە يەتتى.

1943140
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3432 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى _ ئافاد، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3432 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 21 مىڭ 103 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، خارابىلىك ئاستىدا قالغان سەككىز مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەۋەتكەن 3294 قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ ئاپەت رايونلىرىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خاتاينىڭ ئوداباشى مەھەللىسىدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدا قالغان 30 ياشلىق ھۈليا يىلماز بىلەن ئالتە ئايلىق بوۋىقى ئايشە ۋەرا يىلماز ئارىدىن 29 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىندى.

قاھرامانماراشتىمۇ خارابىلىك ئاستىدا قالغان بىر ياش قىز ئارىدىن 28 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يارىدار ھالەتتە قۇتقۇزۇۋېلىندى.

غازىئانتەپتە بىر ئايال 25 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ساق – سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىندى.

گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنالار بار رايونلاردىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئاپەت رايونلىرىغا ئەۋەتىلگەن 10 مىڭ كىشىلىك چېدىر تىكلىنىشكە باشلاندى.

رايوندا 25 مىڭ 693 خادىم، 360 ئاپتوموبىل، 3361 قۇرۇلۇش ماشىنىسى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر