چاۋۇشئوغلۇ: قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىنىشىنى پىكىر ئەركىنلىكى دېيىشكە بولمايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىنىشىنى پىكىر ئەركىنلىكى دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ۋە «قوش ئۆلچەم» دەپ ئاتاشنىڭمۇ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1939032
چاۋۇشئوغلۇ: قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىنىشىنى پىكىر ئەركىنلىكى دېيىشكە بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە ياشلان فوندى جەمئىيىتىنىڭ «ياش دىپلوماتلار ئاكادېمىيەسى» لايىھەسى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك چىقىش نۇقتا قىلىنغان دىپلوماتىيە سىياسىتى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: « شىۋېتسىيەدە، گوللاندىيەدە، دانىيەدە، غەربتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈۋاتىسىلەر. بۇ قەبىھ قىلمىشلارغا پىكىر ئەركىنلىكى دەپ قاراش ساراڭلىقتۇر. باشقا دىنلارغا ھۇجۇم قىلىش جىنايەت ھېسابلانمايدۇ، ئەمما بىزنىڭ قۇتلۇق دىنىمىز ئىسلامغا ۋە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش پىكىر ئەركىنلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم ئەخلاقسىزلىقتۇر، ھەم سەمىمىيەتسىزلىكتۇر. بۇنى <قوش ئۆلچەم> دەپ ئاتاشمۇ يېتەرلىك ئەمەستۇر.»

ئۇ، ئەزەربەيجاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەردائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان ھېچقاچان يالغۇز ئەمەستۇر.»

چاۋۇشئوغلۇ، يېقىندىن بۇيان ئەزەربەيجان ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «پارىژدا ئىككى قېتىم ھۇجۇم يۈز بەردى. ئوخشاشلا، لىۋاندىمۇ ھۇجۇم يۈز بەردى. بۇ ھۇجۇملار ئاشۇ جايلاردىكى رادىكال ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى. لوندوندىكى بىر رادىكال گۇرۇپپىمۇ ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى. يېقىندا، ئەزەربەيجاننىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.»

ئۇ، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ۋە بولۇپمۇ ئىران بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا سەمىمىي ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «قوشنىمىز ئىراندىن كۈتىدىغىنىمىز، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقىنى، بۇ كىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشىدۇر ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەزەربەيجان بىلەن مەلۇمات ئالماشتۇرۇشىدۇر. بىز بۇنىڭغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان كىشى، پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەر ۋە گۇرۇپپىلار چوقۇم سوتقا تارتىلىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر