ئەردوغان: جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 18 – ئىيۇن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىنىڭ 14 – ماي كۈنى (2023) ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1934513
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «18 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھازىر بىز <بولدى بەس، ئوي – پىكىرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشمۇ، قارار چىقىرىشمۇ خەلقىمىزگە تەئەللۇق> دېيىش ئارقىلىق، 2023 – يىلىمۇ خەلقىمىزنىڭ بىزنى قوللىشىغا تىلەكداشمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.