ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەسسۇدانى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1930815
ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەسسۇدانى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى ئەسسۇدانىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە - ئىراق مۇناسىۋىتى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ۋە رايون ھەمكارلىقىنىڭ ھەر ساھەدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تۈركىيەنىڭكىگە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ئىراق تەۋەلىكىدىكى مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىشنىڭ، بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنىڭمۇ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر