مۇستاپا ۋارانك: توگ (Togg) ئوخشىمىغان ساھەلەردە دۇنياغا باشلامچى بولىدۇ

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانك، «تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل لەيىھەسى توگ (Togg) ئوخشىمىغان ساھەلەردە دۇنياغا باشلامچى بولىدۇ» دېدى.

1929480
مۇستاپا ۋارانك: توگ (Togg) ئوخشىمىغان ساھەلەردە دۇنياغا باشلامچى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا ۋارانك ئىستېمال ئېلېكترون يەرمەنكىسى <CES 2023> گە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكاغا يېتىپ باردى ۋە ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە  توگ (Togg) نىڭ كۆرگەزمە مۇنبىرىنى زىيارەت قىلدى.

مىنىستىر ۋارانك، «تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتىدە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر دۆلەت، 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتقان بىر دۆلەت. ئۆزگىرىۋاتقان ۋە قايتىدىن تۈزۈلىۋاتقان سانائەتتە بىز توگغا ئوخشاش لەيىھەلەر بىلەن كەلگۈسىنى تەييارلىغان بولىمىز. تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل لايىھەسىمۇ دۇنيادا باشلامچى ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولىدۇ» دېدى.

توگقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن تەلەپ بارلىقىنى بايان قىلغان مۇستاپا ۋارانك:  «ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرققىچە، ياۋروپادىن ئافرىقىغىچە بىزگە ئىلتىماس قىلغانلار بار. <بۇ ئاپتوموبىلنى قانداق سېتىۋالالايمىز؟ بىز بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ۋاكالەتەن ساتقۇچىسى بولۇشنى خالايمىز> دېگەن ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇپ ئالماقتىمىز. بۇ سېتىلىدىغان مودېللىرى ۋە قوللىنىشچان پروگراممىلىرى بىلەنمۇ ئۈلگە بولىدىغان بىر لايىھە» دېدى.

مۇستاپا ۋارانك توگنىڭ ئالدىن زاكاسلىرىنىڭ فېۋرالدا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «فېۋرالنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئالدىن زاكاز قىلىش باشلىنىدۇ، مارتنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بىز ئاپتوموبىلنى تۈركىيەنىڭ يوللىرىدا كۆرۈشكە باشلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر