ئەردوغان: ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى تېخنىكىسىغا ئېرىشىشكە تىرىشماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى تېخنىكىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1923559
ئەردوغان: ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى تېخنىكىسىغا ئېرىشىشكە تىرىشماقتا
erdogan.jpg
erdogan erzurum.jpg
erdogan erzurum.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرزۇرۇمدا ياشلار بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيە سانائىتىنىڭ پەخرى بولغان يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىل توگنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىنشائاللاھ، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، توگنىڭ زەيتۇن يېغى رەڭگىنى يوللىرىمىزدا كۆرۈشكە باشلايمىز» دېدى.

 ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «بىز يەنە دۆلىتىمىز دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھازىرغىچە بولغان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوتى بولغان ئانادولۇنى كېلەر يىلى (2023) خىزمەتكە سۇنىمىز. يەنە كېلىپ، كېلەر يىلى بىزنىڭ يەرلىك ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانىمىز قىزىلئالمانىڭمۇ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى باشلىنىدۇ. بىز يەرلىك كۈرەشچى ئايروپىلانىمىزنى ئىسكىلاتتىن چىقىرىمىز.»

ئەردوغان لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، قوراشتۇرۇش، يۇمتال ۋە سىناق قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسىدە يەرلىك ئىمكانىيەتكە تايانغان «IMECE» سۈنئىي ھەمراھى ۋە «Türksat 6A» نىڭ 2023 – يىلى ئالەم بوشلۇقىغا قۇيۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شۇنداق قىلىپ، بىز ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھىمىزنىڭ ئومۇمىي سانىنى 10 غا چىقىرىمىز. قارا دېڭىزدا بايقىغان 540 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى 2023 - يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئۆيلىرىمىزدە ئىشلىتىشكە باشلايمىز» دېدى.

ئەردوغان 2023 - يىلىدا ئىلغار تېخنىكا يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر مەزگىلگە قەدەم قويىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يۇمتال تېخنىكىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىلگىرىلەش بىلەن ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنىڭ تۈركىيەگە مەركەزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى تېخنىكىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر