ماكى سال بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكى سال بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
1921515
![ماكى سال بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d400/f044/7c04/6213cf4b9bc10.jpg?time=1718586040)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ماكى سالنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن سېنېگالنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدەملىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىرلىكتە، رايون ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.