چاۋۇشئوغلۇ: ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىقنى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرستىش ئارقىلىق يېڭىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرىستىش ئارقىلىق ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىق پاتقىقىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1909758
چاۋۇشئوغلۇ: ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىقنى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرستىش ئارقىلىق يېڭىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا، ماراكەشنىڭ ماراكەش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 9-نۆۋەتلىك يەرشارى مۇنبىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز 2005-يىلى ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە باشلىغان، نۆۋەتتىكى ئەزا سانى 158 گە يەتكەن مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ماراكەش شەھىرىدىكى يىغىنغا قاتناشتۇق. بىز بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرىستىش ئارقىلىق ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىق پاتقىقىدىن ھالقىپ ئۆتىمىز» دېدى.

بۈگۈنمۇ داۋاملىشىدىغان يىغىندا، بىرلىكتە چىقىشىپ ياشاشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەمدە كۆپ خىللىق ۋە مەدەنىيەت بايلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۇنجى قېتىم بىر ئافرىقا دۆلىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا تۈنۈگۈن ئەتىگەن باشلانغان ب د ت مەدەنىيەت ئىتتىپاقىنىڭ 9-نۆۋەتلىك دۇنيا مۇنبىرىغا 50 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك مىنىستىرلىرى، 96 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان 1000 دىن ئارتۇق پائالىيەتچى ئىشتىراك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر