قايغۇلۇق خەۋەر... بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1902623
قايغۇلۇق خەۋەر... بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە – چاقماق> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىناغا بېسىۋېلىپ يارىلانغاندىن كېيىن بالنىستقا ئېلىنغان ئىككى ئەسكەرنىڭ بىرى — خەلىل ئىبراھىم يىلدىزنىڭ دوختۇرلارنىڭ بارلىق داۋالاش تىرىشچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا مۇپتىلا قىلغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان قەدىرلىك شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، مۇسىبەتلىك ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب خەلقىمىزگە سەۋر؛ يارىدار ئەسكىرىمىزگە تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر