ئەردوغان بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1900201
ئەردوغان بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان لۇلا دا سىلۋا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە 1 – يانۋار باشلىنىدىغان يېڭى ۋەزىپىسىدە ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن.

2010 – يىلى مبىرلىكتە «ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق» سەۋىيەسىگە يەتكۈزگەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچتا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشىغان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئىككى چوڭ دۆلەت نامايەن قىلىدىغان ھەمكارلىقنىڭ، يەر شارىۋى دۇئېل ئېلان قىلىشلارغا قارشى  كۈرەش جەھەتتىنمۇ يول كۆرسەتكۈچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر