ئەردوغان ئانىتقابىر خاتىرە دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازدى

بۈگۈن 29-ئۆكتەبىر، جۇمھۇرىيەت بايرىمى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 – خاتىرە يىلى پۈتۈن تۈركىيە مىقياسىدا قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەنمەكتە.

1899358
ئەردوغان ئانىتقابىر خاتىرە دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە مەقبەرىسى جايلاشقان پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئانىتقابىر (خاتىرە قەبرىستانلىقى)نى زىيارەت قىلدى. ئۇ، ئانىتقابىر خاتىرە دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى: «ھۆرمەتلىك ئاتاتۈرك، بۈگۈن رىياسەتچىلىكىڭىز ئاستىدىكى تىللارغا داستان مۇشەققەتلىك بىر كۈرەش نەتىجىسىدە قۇرغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 99 – خاتىرە يىلىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. ئالىيجانابلىرى ۋە ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ ئامانىتى بولغان جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئەبەدىيلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ تارىخىي كۈننى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىلى بولغان <توگگ>نىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈپ تەبرىكلەشنىڭ بەختىيارلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز.

ئالدىمىزغا چىقىرىلغان توسالغۇلارغا قارىماي، بۇ ئەسىرنى تۈركىيەنىڭ ئەسىرى قىلىش ۋە خەلقىمىزنى ئارمانلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.  روھىڭىز شاد بولسۇن، جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بىناسىدا تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلىرىدىمۇ بىردەك تەبرىكلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر