ئەردوغان تۈركىيەنى قارىلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىرى يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا تۈركىيەنى قارىلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1896198
ئەردوغان تۈركىيەنى قارىلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان فىرانسىيە سېمونت شىركىتى «لافارگ»نىڭ سۈرىيەدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغانلىقىنىڭ پاش بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «تۈنۈگۈن بىزگە تۆھمەت قىلغانلارنىڭ شۇ مەزگىلدە دائېش بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى پاكىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقماقتا» دېدى.

«بىز بۇ رىياكار پوزىتسىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، پ ي د ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (فەتۆ)غىمۇ تۇتۇلغانلىقىنى بىلىمىز» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇلار قوللىرىدىكى بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ قانلىرىغا قارىماي، بۇ تەشكىلاتلارنى قوللايدۇ، قوغدايدۇ، ھىمايە قىلىدۇ. ھەر قېتىم ئېغىز ئاچقاندا بىزگە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆز قىلىۋاتقانلار، مەسخىرىىلىك باھانىلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، بۇ تەشكىلاتنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى»نى قارىلاش ئۇرۇنۇشلىرىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تارتىپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغىچە، ھەتتا ھەرقايسى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگىچە بولغان دۆلىتىمىزگە قارشى ناھايىتى كەڭ بىر قاتلامنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولماقتىمىز. بولۇپمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان يوللۇق كۈرىشىمىز پۈتۈنلەي يالغان، توقۇلما خەۋەرلەر بىلەن قارىلانماقتا» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ساختا خەۋەر ۋە ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر