سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1895937
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا غەلىبىلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، رايوننىڭ ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر