ئەردوغان زېلېنىسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى.

1895206
ئەردوغان زېلېنىسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دائىر ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەسىلىگە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش قارىشىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنى سۆھبەت ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق تۆھپىنى قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ ھەپتە ئاخىرىدا بارتىندىكى بىر كاندا يۈز بېرىپ، 41 ئىشچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاشتىن كېيىن ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر