ئەردوغان: ئەرمېنىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىنىڭ چوقۇم نەتىجىلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1880152
ئەردوغان: ئەرمېنىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدە ئېچىلىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن بىر مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ ۋەتەن زېمىنلىرىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشى ھەققىدە توختالدى، ھەمدە بۇ  كۈرەش داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەپ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيەنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ زەپىرى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئۇرۇش (2020 – يىلقى 2 – قاراباغ ئۇرۇشى) تىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ سۈركىلىشنى قوبۇل قىلالمايمىز. ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا بۇ ئۆزگىرىش ئالدىدىمۇ ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايدىغانلىقىمىزنى پۈتكۈل دۇنيا بىلىشى كېرەك. ئەرمېنىيە، قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىغىنىدەك، ھەمىشە تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئەرمېنىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ چوقۇم نەتىجىلىرى بولىدۇ. ئەرمېنىيەنىڭ بۇ خاتا يولدىن دەرھال قايتىشى، كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە تېز رىئايە قىلىشى، ۋاقتىنى ۋە كۈچىنى تىنچلىقنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىدە سەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر